فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ نەمەنگان شەھەرلىك سوتى 26 - ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئازادلىق رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ناسىر زاكىروفنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى ھاقارەتلىگەن دەپ ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سابىق بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولغان زاكىروف، 1990 - يىللىرىدا سىياسىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن بىر يىل تۈرمىدە ياتقان ئىكەن.
زاكىروفنىڭ ئادۋوكاتى ئەرگەشوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت زاكىروفنى، ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك ئىدارىسى نەمەنگان شۆبىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇنى ھاقارەتلىگەن دەپ ئەيىبلىگەن.
لېكىن زاكىروفنىڭ ئوغلى زاھىد زاكىروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دادىسىنىڭ رادىئو ئارقىلىق ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ھەققىدە يېزىلغان بىر شېئىرنى ئېلان قىلغانلىقىدىن غەزەپلەنگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتى 13 - ماي كۈنى ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتى ئۈستىدىكى بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. (قانات)