رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كىلەر دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستانغا قورال- ياراق سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسى ۋە باشقا چەكلىمىلەرنى قويۇش ھەققىدە قارار ئالماقچى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارار ئېلىشىغا سەۋەب بولغان.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزبېكىستانغا چەكلىمە قويۇش ھەققىدە كېلىشىمنامە تۈزگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمنامىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبە كۈنى ئىمزالايدىكەن. كېلىشىمنامىدە، " ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئۆزبېكىستانغا قورال ، ھەربىي ئەسلىھە ۋە خەلقنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى بولغان باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ ئېكىسپورتىنى چەكلەشنى قارار قىلدى" دېيىلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى يەنە ئۆزبېكىستان ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىشنى چەكلەش، ياردەم پروگرامملىرىنى قىسقارتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالىدىكەن.
بۇ يىل مايدا ئەنجاندا، ئۆزبېكىستان قوراللىق قىسىملىرى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان. شاھىتلار، ۋەقەدە 800 دەك پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرگەن. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەدە 180 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ " باندىتلار" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ۋەقەدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاننى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەمما ئۆزبېكىستان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. (ئارزۇ)