ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئۆزبېكىستانغا قارىتا ئىمبارگو يولغا قويدى
2005.10.03
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، دۈشەنبە كۈنى ماي ئېيىدا ئەنجاندا يۈز بەرگەن باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزبېكىستانغا قارىتا قورال ئىمبارگوسى يولغا قويۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى توڭلاتتى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شۇنداقلا، ئەنجاندىكى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار ئۆزبېك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كىرىشىكە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خادىملىرى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجاندا يۈزبەرگەن باستۇرۇش توغرىسىدا خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق بىر قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قارىتا قورال ئىمبارگوسى يولغا قويۇش ۋە شۇنداقلا ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمىنى توڭلىتىش قارارىنى مەدھىيىلەپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى، 13 - ماي كۈنى ئۆزبېكىستاندىكى ۋەھشى باستۇرۇشنى ئېنىقلاش توغرسىئىدا خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ، دېدى. (قانات)