تاشكەنت يەنە قولغا ئېلىشنى باشلىدى


2005.10.23

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر مەركىزى "پەرغانە" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستان ساقچى دائىرىلىرى " قۇياشلىق ئۆزبېكىستان" مىللىي بىرلىكى دەپ ئاتالغان بىر دېموكراتىك ئۆكتىچى تەشكىلات ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى قاتارلىق بەش نەپەر خادىمى ئۆزبېكىستان تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاماپ قويۇلغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگەي لاۋروپنىڭ تاشكەنتكە كېلىشىغا توغرا كەلگەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلاردا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىش ھەققىدە كېلىشىملەرنى تۈزگەن.

رۇسىيە ئىسلام كېرىموپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشتا ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىشىدا قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى جاھانگىر مۇھەممەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام كېرىموپ، يېقىندىن بۇيان ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات تەلىپىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرماقتا ھەمدە ئۇلارنىڭ شەرتلىرىگە كۆنمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تاشكەنت سەپىرىدە جەريانىدا ئۆزبېكىستان ئۆزى بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى چىقىپ كەتكەن رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا قايتا كىرىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئىپادە قىلغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.