ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستان كۈن نۇرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە پاختا تىجارەتچىسى سەنجەر ئۆمەروفنى، ئوغرىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئالدى.
كۈن نۇرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئەركىن دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى نىگارا ھىدايەتوۋا،، تاشكەنتدىن تېلېفون ئارقىلىق رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، سەنجەر ئۆمەروفنىڭ شەنبە كۈنى كەچتە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆمەروف، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجاندىكى قوزغىلاڭنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت كېرىموفنى تەنقىد قىلىپ، ئۆزبېكىستان خەلقىنى ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىغا قېتىلىشقا چاقىرغان ئىكەن.
كۈن نۇرى بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆمەروف ئۆتكەن ھەپتە تاشكەنتنى زىيارەت قىلغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى سىرگى لاۋروفقا بىر خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان. لېكىن كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، رۇسىيە ۋە خىتاي، كېرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ ئەنجان شەھىرىدىكى باستۇرۇشنى قوللىغان ئىدى. كۈن نۇرى بىرلەشمىسى بۇ يىل ئاپرىل ئېيىدا قىرغىزىستاندا ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتى خەلق تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېين قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشنى تەرغىپ قىلماقتا.(قانات)
