ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرىنى قولغا ئالغانلىقىغا كۆڭۈل ‎بۆلمەكتە

‎ ئامېرىكىدىكى ئىككى پارلامېنت ئەزاسى سەيشەنبە كۈنى دۆلەت پارلامېنتىغا قارار لايىھىسى ‎سۇنۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىدىن قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچى پارتىيە ‎رەھبىرى سەنجەر ئۆمەروف ئادىل مۇئامىلە قىلىنىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ ‎قىلىشىنى سورىدى. ‎

‎ نيويورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ ‎سانلىقلار رەھبىرى بىل فىرست بىلەن تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد لۇگېر بۇ ‎قارار لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئامېرىكىنىڭ سەنجەر ئۆمەروفنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن ‎كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ھىسابلىنىدىكەن. ‎

‎ ئۆزبېكىستان كۈن نۇرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە پاختا تىجارەتچىسى سەنجەر ئۆمەروف 10 - ئاينىڭ ‎‎22 - كۈنى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن " پارىخورلۇق ۋە باجدىن قېچىش" جىنايىتى بىلەن ‎ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغان. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنىڭ سىياسىي سۈيقەستكە ئۇچرىغان بولۇشى ‎مۇمكىنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىدە خورلىنىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. ‎

‎ بۇ ئارىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، سەنجەر ‎ئۆمەروفنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، دەرھال داۋالىنىشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ‎بىلدۈردى. ‎

‎ سەنجەر ئۆمەروف يىتەكچىلىكىدىكى كۈن نۇرى بىرلەشمىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى قانلىق ‎باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن. بۇ تەشكىلات شۇنداقلا ئۆزبېكىستاندا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ‎ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلات ئىدى. (ئارزۇ)‎