ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى لۇئىسا ئاربور، ئىسلام تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ 14 يىلدىن 20 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەنجانلىق 15 نەپەر ئۆزبېك مەھبۇسنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى قايتىدىن سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلدى.
لۇئىسا ئاربور دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، "بۇ يىل 5 - ئايدا يۈز بەرگەن ئەنجاندىكى قانلىق ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك سوت قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان تەرتىپلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا قارىتا گۇمان تۇغدۇرماقتا،" دىيىلگەن.
ئۆزبېكىستان ئالى سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئەنجان ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 15 مەھبۇسنىڭ ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ جاكارلىغان. ئەمما لۇئىسا ئاربورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جاۋابلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى يىتەرلىك بولمىغان شۇنداقلا سوت جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقرارىدىن باشقا جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان يىتەرلىك پاكىت يوق ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرۇش جەريانىدا 500 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆزبېك ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
لۇئىسا ئاربورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سوت جەريانىنى كۆزۈتۈشكە نازارەتچى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى رەت قىلغان. بۇ ئارىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي، " بىز بۇ سوتنىڭ ئىشەنچلىك بولمىغان پاكىتلارغا ئاساسلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىغا ئىشىنىمىز"، دەيدۇ. (ئەركىن)