ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى، ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان، نادىرە ھىدايەتوۋانى قولغا ئالدى.
روئېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ ھىدايەتوۋانىڭ سىڭلىسى نىگارە نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان كۈن نۇرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ھىدايەتوۋا، تاشكەنت ئايرودرومىدا رۇئىسيىدىن ئۆزبېكىستانغا قايتىپ كېلىشىدە قولغا ئېلىنغان.
ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى بولغان ھىدايەتوۋانىڭ سىڭلىسى نىگارەنىڭ يولدىشى ئارىپجان ئايدىن نويابىر ئېيىدا قازاقىستاندا ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇمۇ سىياسىي جىنايەتلەرنىڭ قوربانىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ، رۇسىيىدە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.
ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى قانلىق باستۇرغان كېرىموف ھۆكۈمىتى، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ باستۇرۇشىنى تەنقىد قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تۇتۇپ، قاماۋاتىدۇ. (قانات)