ئۆزبېكىستان ب د ت نىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلدى


2005.12.26

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىۋزا ئاربۇرنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنى سوتلاش ئۇسۇلىغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى رەت قىلدى.

ئۆزبېكىستان باش تەپتىش ئىدارىسى 26 ‏-دىكابىر بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنجاندىكى ۋەقەلەرگە قاتناشقانلارنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادالەتلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

23‏-دىكابىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىۋزا ئاربۇر، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەنجان ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادالەتلىك ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى، سوتنىڭ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئاقلاش پۇرستى بەرمىگەنلىكىنى ۋە ئۇلار ئۈستىدىن ھېچقانداق پاكىت- ئىسپاتسىز ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۆزبېكىستان باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ سوتتا ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەنلىكى، ئۇلارغا قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازا بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ماي ئىيىدا ئۆزبېكىستان ھەربىي قىسىملىرى ئەنجان شەھىرىدە كەرىموف ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىغان نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە 187 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن ۋەقەنىڭ شاھىدلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە 700 كىشى ھۆكۈمەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپنچىسى بىگۇناھ پۇقرالار ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.