ئۆزبېكىستان ئامېرىكىدىن ياردەم ئالغان بىر دېموكراتىك تەشكىلاتنى پىچەتلىدى

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان " ئەركىنلىك ئۆيى" ناملىق بىر تەشكىلاتنى پىچەتلىدى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنى رۇخسەتنامە ئالماي تۇرۇپ كىشىلەرنى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

"ئەركىنلىك ئۆيى" ئامېرىكىدىكى تەسىرى چوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى. ئۆزبېكىستان ئەركىنلىك ئۆيى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا پارتلىغان ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندا تەرەپسىز مەتبۇئاتلار ۋە چەتئەلنىڭ ياردىمى ئاستىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش كۈچەيتىلمەكتە. ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ ئۆزبېكىستانغا مەسئۇل درىكتورى برانكو سېستو، " قولىمىزدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز" دېدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تاشكەنت شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى بۇيرىغان.

برانكو سېسكو، ئۆزبېكىستاندا "يېقىنقى 6 ئايدىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەھۋالى كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ " دەيدۇ. ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ب ب س نىڭ تاشكەنت ئىشخانىسى تاقىۋېتىلدى. ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ رۇخسەتنامىلىرى بىكار قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى ئامېرىكا ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئىشخانىسى، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاقالغان.

پرېزىدېنت كەرىموۋ، ئىسلام ئەسەبى كۈچلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنى سىياسى، ئىقتىسادى جەھەتتە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)