ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى باي سەنجەر ئۆمەروفنى 13 يىللىق تۈرمىگە تاشلىدى

ئۆزبېكىستان سوتى 24‏- فېۋرال كۈنى، پاختا ۋە نېفىت سودىگىرى بولغان ئۆزبېكىستان كۈن نۇرى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى سەنجەر ئۆمەروفنى ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلەپ 13 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۆمەروفنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ھازىرغىچە مەزكۇر ھەرىكەت بىلەن چېتىشلىق دەپ 180‏ كىشىنى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرى بىلەن جازالىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆمەروف ئەنجاندىكى ۋەقەلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنمىگەن. ئەمما ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئەنجاندىكى ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن پرېزىدېنت سلام كېرىموفنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئۆمەروفنىڭ سوتىغا قاتناشقان ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۇرئەت ئىكراموفنىڭ ئېيتىشىچە، سوت قارارىنىڭ ئۆزبېكىستان ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر تەرىپىدىن بېكىتىلگەنلىكىنى ئېنىق ئىكەن. (قانات)