ئۆزبېكىستان ب د ت نىڭ بۇ دۆلەتتىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنى تاقىدى

ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئىشخانىسىنى بىر ئاي ئىچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئاسترىد فون گېندېرېن ستورتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ھۆججەتتە ئۇلارغا بۇ دۆلەتتىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنى " بىر ئاي ئىچىدە تاقاشنى" بۇيرۇق قىلغان.

ستورت، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن "ھەيران قالغانلىقىنى" ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ " ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان" ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئادەتتە بەزى ھۆكۈمەتلەر مەلۇم كىشىلەرنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقارسىمۇ، ئەمما پۈتۈن بىر ئورگاننى تاقىۋېتىش ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ھېسابلىنىدىكەن. ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى، ئۆزبېكىستان تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ ئۇلارغا بۇ ئورگاننىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى، دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇساپىرلار ئىدارىسى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، كەرىموۋ ھۆكۈمىتى "بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاندا داۋاملىق تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە تاشكەنتتىكى ئىشخانىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىدۇ " دېگەن. نۆۋەتتە مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى خىزمىتى ئاساسلىقى ئافغانىستاندىن قېچىپ كەلگەن 2000 دەك مۇساپىرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى. (ئەركىن)