ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق رەھبىرى ئەزەمجاننى قولغا ئالدى
2006.05.01
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى، ئۆزبېكىستاندىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەزەمجان فەرمانوفنى ساختىپەزلىك قىلمىشى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن فەرمانوفنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى سىياسىي سەۋەبلەردىن قولغا ئالغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فەرمانوف يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ گۈلىستان شەھىرىدە قويمىچىلىقتىن تاپقان پۇلنى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە قولغان ئىلىنغان.
ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزەمجان فەرمانوفنىڭ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇنىڭ سىياسىي سەۋەبلەردىن قولغان ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى رەت قىلدى. ئەمما، ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزەمجان فەرمانوفنىڭ، يېقىندا يېزىپ ئېلان قىلغان "دوزاقدىكى دېھقانلار" ناملىق ماقالىسى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ماقالىدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ جىزاق رايونىدىكى پاختا تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۆزبېكىستان دۇنيادا ئەڭ كۆپ پاختا ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ھۆكۈمەت دېھقانلارنى پاختا تېرىشقا زورلاپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالىدىكەن.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف، ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچى پائالىيەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستاندا ئۆكتىچى قۇياش نۇرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- ئۆزبېكىستان سىياسىي ئۆكتىچى نادىرە ھىدايىتوۋاغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بەردى
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى باي سەنجەر ئۆمەروفنى 13 يىللىق تۈرمىگە تاشلىدى
- ئۆزبېكىستاندا قۇياش نۇرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سوتلاندى
- ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا پائالىيەت چەكلىمىسى قويدى