كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى غەرب ئەللىرىنى ئۆزبېكىستانغا جازا قويۇشقا ئۈندىدى


2006.05.11

دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىگە جازا قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئەندىجان ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى كېنېس روس باياناتىدا، غەرب ئەللىرىنى ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالارنى قوللىنىشقا چاقىرىپ، "ھازىر ئەندىجان قىرغىنچىلىقىغا قارىتا خەلقئارانىڭ مەجبۇرىي يوسۇندىكى ئىنكاسى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان پەيت" دېدى.

ئۇ يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل تۈردە مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزبېكىستانغا خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئەندىجان ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ باياناتى ئەندىجان ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۆتكەن يىلى 5‏-ئاينىڭ 13‏- كۈنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەندىجاندىكى نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغان ئىدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر باستۇرۇش ھەرىكىتىدە نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا قورالنىڭ سۇنىقىمۇ يوق پۇقرالار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، ئۆزبېك ھۆكۈمىتى پۈتۈن ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنى 187 كىشى دەپ جاكارلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ۋەقەدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەتتا مۇخبىرلاردىن بولۇپ 150 كىشىنى بۇ ۋەقەگە چېتىپ جازالىغان.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۇكرائىنىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزبېكىستانغا قايتۇرىۋەتمەسلىككە ئۈندىدى. ئەندىجان ۋەقەسىنى باستۇرغان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ غەربنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى ئالاھىدە كۈچەيتتى. شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق كەرىموۋنى قوللىغان دۆلەتلەر نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.