يېقىندا ئېچىلغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۆزبېكىستاننىڭ رەسمىي ھالدا بۇ تەشكىلاتقا قايتا ئەزا بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.
پەرغانە.رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ يېقىندا 15 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ كۈننىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتىكى شۇنىڭدەك يەنە كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى باسقۇچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ئەسلىدە 1992-يىلى تاشكەنتتە قۇرۇلغان بولۇپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۆزبېكىستان بۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ رۇسىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ھەر قانداق رايون خاراكتېرلىق ھەربىي تەشكىلاتقا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق مەملىكەتلەر ئەزا بولغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى بۇ ھەربىي تەشكىلات ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش شۇئارى بىلەن مەيدانغا چىققان ئىدى. ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندىن كېيىن، ئىسلام كەرىموپ رۇسىيە بىلەن ھەر جەھەتتىن يېقىنلىشىشقا باشلىغان. مانا ئەمدى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ قايتىدىن رەسمىي ئەزاسى بولۇپ، رۇسىيە بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇردى ھەمدە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. (ئۈمىدۋار)