پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۆزبېكىستان سوتى سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قادىر غولاموپ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جۈمە كۈنى ئۇنىڭغا بەش يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا قادىر غولاموپ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئەيىبلەشلەر ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، قادىر غولاموپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسى ئېچىلغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى بۇ بازا تاقالغاندىن كېيىن ئىسلام كەرىموپ ئۇنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە يېقىندا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەيىبلەش باشلانغان.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىكى ئەندىجان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قولغا ئېلىنغان مەلۇم ساندىكى كىشىلەرگىمۇ ھەر خىل يىل ئۆلچىمى بويىچە قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)