ئىسلام كەرىموپ، غەرب ئەللىرىنى ئۆزبېكىستانغا قارشى تېرورچىلار بىلەن تىل بىرتىكتۈرمەكتە، دەپ ئەيىپلىدى


2006.09.01

ئۆزبېكىستاننى تۆمۈر مۇشتىدا ئىدارە قىلىۋاتقان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموپ، جۈمە كۈنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي تۇرۇپ ئىسلامى كۈچلەر بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پارچىلىماقچى، دەپ ئەيىپلىدى.

كەرىموپ، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسۋىتى بىلەن سۆزلىگەن تېلېۋىزور نۇتۇقىدا " بەزى كۈچلەر ۋە ھەرىكەتلەر" ئەسەبى دىنىي كۈچلەر ۋە تېرورچىلارنىڭ ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئۆزبېكىستانغا قارشى تۇرماقتا، دەيدۇ. " سىلەرنىڭ پىلانىڭلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ، "دەپ تەكىتلىگەن كەرىموپ، ئۆزبەك خەلقىنىڭ ھىچكىمگە يۆلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت كەرىموپنىڭ ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلىش تارىخىي سوۋېت ئىتتىپاقى 1991 - يىلى پارچىلىنىشتىن بۇرۇن باشلانغان. ئۇ، 2005 - يىلى ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، غەربنى چەتكە قېقىش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنى خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى ۋە غەرب ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى شۆبىلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭدىن بېرى كەرىموپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تاشكەندتىكى ئىپادۇرۇمدا ئاچقان سودا بازىرىنى تاقىغان ۋە بۇ يىل 3 - ئايدا ئۆزبېكىستانغا تۇققان يوقلىغىلى بارغان ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەييىن جېلىلنى قولغا ئېلىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە كەرىموپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى، ئاممىۋى ئەركىنلىكنى باستۇرۇش ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.