ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان چەكلىمىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويغان قورال ئىمبارگوسى ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەت ئەربابلىرىغا قارشى يولغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ ۋاقتىنى قايتىدىن ئۇزارتتى.

لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەنجان ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت باشلاش توغرىسدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزبېكىستان بىلەن تۆۋەن دەرىجىدە رەسمىي مۇناسىۋەت قۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قورال-ياراق سېتىشنى ھەمدە ئۆزبېكىستاننىڭ 12 ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابىغا ۋىزا بېرىشنى بىر يىل چەكلىگەن ئىدى. بۇ چەكلىمىلەر نىڭ مۇددىتى 14‏- نويابىر كۈنى ئاخىرلىشاتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويۇلغان قورال ئىمبارگوسىنى يەنە 12 ئاي ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەت ئەربابلىرىغا قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى 6 ئاي ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قاراتقان ئىمبارگونى ئۇزارتىش قارارىنى قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سىن ماككورنىڭ ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈزبېكىستاندىكى ۋەزىيىتىدىن تەشۋىش قىلماقتا، دېدى.

ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە شاھىتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، 2005‏- يىلى 13‏- ماي كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە جەريانىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە جەريانىدا ئاساسىي قىسىمى قوراللىق بولغان رادىكال ئىسلامچىلار ئۆلتۈرۈلگەن. (قانات)