ئۆزبېكىستان غەرب دۆلەتلىرىگە يېقىنلاشماقتا


2007.03.10

2005‏- يىلى ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، پۈتۈنلەي رۇئىسيىگە يۈزلگەنگەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، قايتىدىن غەرب دۆلەتلىرىئى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئوڭشاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈرلمەكتە.

گەرچە، 7‏- مارت كۈنى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل فرادكوف بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنى تەكىتلەپ، يېڭى كېلىشىملەرگە قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىنىڭ ئۆزى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ خۇنۇكلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت گېزىتلىرىدا، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلار، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دېگەندەك ماڭمايۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان بىر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە يۇقرى باھا بېرىلگەنلىكى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرسىدىكى سودا ۋە تىجارى مەسىلىلىرىدىمۇ، ئىككى تەرپ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەن. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى گاسپروم شىركىتىنىڭ، ئۆزبېكىستاندا تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 300 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ئەمما ھازىر غىچە ئۆزبېكىستانغا پەقەت 30 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. رۇسىيە بولسا، ئۆزبېكىستاننىڭ 2006‏- يىلىدا رۇسىيىگە 67000 ماشىنا ئېكسپورت قىلىپ، رۇسىيىدىن پەقەت 3500 ماشىنا ئىمپورت قىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.