ئۆزبېكىستاندا سەرگەردانلار كۆپەيمەكتە
2007.03.11
ئامېرىكا ئاۋازى ئۆزبېكچە خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزبېكىستان جەمئىيىتىدە ئۆي ماكانسىز، ئىشسىز كەمبەغەل مۇساپىرلارنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كوچا كويلاردا تۈنەۋاتقان سەرگەردانلارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىش مۇمكىن .
مۇخبىرنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى كوچا كويلارنى ماكان تۇتۇپ، ئەخلەتلەر ئارىسىدىن ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن بىر ئايالنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە " ھازىر ئۆزبېكىستاندا ئەخلەت تېرىپ، كىشىلەردىن سادىقە تىلەپ، كوچىلاردا يېتىپ قوپوپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆزبېكىستاندا ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلانغان."ئەگەر ئۇلار نېمە سەۋەبتىن بۇ خىل قاتتىق كۈنگە قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالسا تېخىمۇ يامان كۈنلەرگە قېلىشى مۆمكىن."
ئۆزبېكىساتنىڭ تاشكەنت كوچىلىرىدا سەرسانە ياشاۋاتقان بىر خارەزىملىك كىشى مۇخبىرغا ئۆزلىرىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ھەر قانداق ياردەمگە ئېرىشىشتىن ئۈمىدىنى ئۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۆزبېكىستاندا سەرگەردانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بارغانچە ئېغىر كۈنلەرگە قېلىشىغا ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ھۆكۈمەت كەمبەغەللەرگە ۋە ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىش ھەققىدە ھېچقانداق ھۆججەت ياكى قارار ئالمىغان بولۇپ شۇ سەۋەبلىك ھەتتا بەزى ئىشسىز ياردەمسىز قالغان خەلق روسسىيە باشقا ئەللەرگە كۆچمەن بولماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن سىياسىي گۇماندار بىلەن قولغا ئېلىنغان ياكى ئىشتىن قالدۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ سەرگەردانلىققا يۈزلىنىشى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
كەرىموف ھۆكۈمىتى خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەڭ دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئۆزبەك خەلقىنىڭ -2005 يىلى مايدا ئەنجاندا ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىش ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇپ دۇنيانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان غەرب دۆلەتلىرىگە يېقىنلاشماقتا
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى كېچىكتۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
- ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ۋىزا تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلدى
- تاشكەنت ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى بولدى