ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدى


2007.09.01

جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقنىڭ 16 يىللىقىنى داغدۇغۇلۇق مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلىدى. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندا مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا، ئۆزبېكىستان خەلقى كېلەچەك ھەققىدە كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان ئەندىشىسىنى يوشۇرالمىغان.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف، " ئۆتكەن 16 يىل ئىچىدە دېموكراتىك بىر دۆلەت قۇرۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىمىزنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ" دېگەن . لېكىن، ئۇ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى باشقا بىر كىشىگە تاپشۇرۇش- تاپشۇرماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلمىغان.

1989‏- يىلىدىن بېرى ھاكىمىيەت بېىشىدا تۇرۇۋاتقان ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالدىمىزدىكى دېكابىر ئېيىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئاساسىي قانۇن بويىچە پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ئۇ ھازىرغىچە، پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇش ياكى تاپشۇرماسلىق مەسىلسىدە ئوچۇق بىر نېمە دېمىگەن.

گەرچە پرېزىدېنت كەرىموف، تاشكەنتتە قىلغان سۆزىدە، دېموكراتىك بىر دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق بەزى غەرب دۆلەتلىرى، ئۆزبېكىستاننى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىۋاتقان ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەڭ كۆپ چەكلەۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسەتمەكتە.

ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى بولۇپمۇ، 2005‏- يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىكى كەسكىنلىك، جۈمە كۈنى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا ئېيتىلغان ناخشىلاردىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەنگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.