بىز ئالدىنقى پروگراممىدا كانادادا سىياسىي پاناھلىنىۋاتقان ئۆزبېكىستانلىق پارلامېنت ئەزاسى،سىياسىي پائالىيەتچى نەسىرۇللا سېيىدوف ئەپەندى بىلەن خىتاي - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى، خىتاينىڭ مەركىزى ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدۇق.
بۈگۈن بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر - ئۆزبېك مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشتۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پارلامېنت ئەزاسى نەسىرۇللا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئالاھىدە سىياسىي ئورنى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تارىختا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىسىنى قۇرغانلىقى ۋە نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى. (كامىل تۇرسۇن )
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.