ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف 3-قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، قەسەمىيات قىلغاننىڭ كۈننىڭ ئەتىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ۋەكىلى پيەر مورېلنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكىستان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى ئىسلام كەرىموفنىڭ 3-قېتىم پرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە ئۆزبېكىستان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشەنچىلىك شېرىكى دەپ ئاتاپ، ئۆزبېكىستان –ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچرىشىشقا دىققەت قىلغان بولۇپ، بەزى ئوزبەكىستانلىق كۆزەتكۈچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەرىموۋنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قارشى ھالدا 3-قېتىم پرېزىدېنت بولۇشىنى تەنقىد قىلماستىن ئەكسىچە، ئۇنى تەبرىكلىشى بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئۇ يەردىكى ئىنسان ھوقۇقى، دېموكراتىيە تەرەققىياتىدا ياخشىلىنىش يارىتىش دەپ قارىسا ،يەنە بىر قىسىملىرى بۇنى ئۆزبېكىستان نىڭ ئېنېرگىيە، پاختا ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسەت جەھەتتىكى مۇھىملىقى بىلەن باغلىماقتا.
لېكىن، 2005-يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننى دىكتاتورىلىق بىلەن تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلىتىپ، غەربكە بولغان پوزىتسىيىسىنى قاتتىقلاتقان ئىدى. كەرىموف يەنە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە تېررورىزم جىنايىتى ئارتىپ بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقىنى رازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە رۇسىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاقچىلىق كېلىشىمى تۈزگەن.
بىراق، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا كەرىموفنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ( ئۈمىدۋار)
