ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد بوشېر ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىچارد بوشېر مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، "بىز بۇ يەردە باشقا كۈچلەردىن بىر نەرسە تالىشىشنى ئويلاشمىدۇق. بىز ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە، خىتاي، ياروپا بىرلىگى ۋە تۈركىيىگە ئوخشاش باشقا ھەر قانداق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى خالايمىز" دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، " بىز ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا پۇرسەت ۋە تاللاشلارنى قولغا كەلتۈرىشىگە ياردەم قىلالايمىز دەپ قارايمىز. شۇنداقلا بىز ئۆزبېكىستان بىلەن يېڭى ھەمكارلىق تۈزۈشنى خالايمىز" دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇ بۇ يېڭى ھەمكارلىقلارنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدا تەپسىلىي توختالمىدى. رىچارد بوشېر چارشەنبە كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر نوروۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇ پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى.
ئامېرىكا ئەندىجان ۋەقەسىدە ئۆزبېكىستاننى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئىسلام كەرىموف ئامېرىكا بىلەن 2001- يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بىردىنلا ئۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقىدى ھەمدە نۇرغۇن چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تاقىغان ئىدى.(پەرىدە)