ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي چەكلىمىلەرنى كۈزدىن كەچۈرۈش مەسىلىسىنى ئىككى ئاي كېچىكتۈردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۆزبېكىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكسىتانغا قارىتا يولغا قويغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشىنى ئەمەس، تېخىمۇ كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
2005- يىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان بىلەن سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارغا چەكلىمە قويۇپ، ئۆزبېكسىتانغا قورال سېتىشنى ھەمدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان بىلەن تېخنىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىپ، باشقا ساھەلەردىكى چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى، ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراشلىق، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي چەكلىمىلەر ئۈستىدىكى مۇزاكىرىلەرنى ئىككى ئاي كېچىكتۈرگەنلىكى، ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. (قانات)