ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قويۇپ بېرىلدى
2008.01.05
ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى، ئۆتكەن ئاي 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئاتاقلىق ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كەرىم بازاربايىفنى قويۇپ بەرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەرىم بازاربايىف، جۈمە كۈنى، ئۆزبېكىستان ئاساسى قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 15- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان كەچۈرۈمگە ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بارازبايىف، 2004- يىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بېرى بولغان " پىداكارلار" پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ، "ېسگۇلىچ"كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىكەن. ئۆتكەن ئاي سىر دەريا شەھەرلىك سوتى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى چىرىكلىك سەۋەبىدىن "پىداكارلار" پارتىيىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان بازاربايىفنى، 6 يىل ۋە ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، 2005- يىلى 5- ئايدىن بېرى، يەنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان شەھىرىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندىن بېرى، ئۆزبېكىستاندا ئاز دېگەندە 15 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، يا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، يا تۈرمىگە تاشلانغان ياكى مەجبۇرى ھالدا روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ياتقۇزۇلغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، 1991- يىلىدىن بېرى ئۆزبېكىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنى، دۇنيادىكى ئەڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا. يېقىندا ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئىسلام كەرىموف، ئاۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق قايتىدىن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلاندى. لېكىن، ئۆزبېكىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنى يېقىندىن كۈزەتكەن، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، سايلامنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستانغا تەكرار پرېزىدېنت بولغان كېرىموفنى تەبرىكلىدى
- ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئىسلام كەرىموف ئۇتۇپ چىقتى
- ئىسلام كەرىموف يەنە پرېزىدېنت بولىدۇ
- ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى
- ئۆكتىچىلەر قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- قىرغىزىستاندا سايلام خۇلاسىسى چىقتى
- قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى
- ۋۇ باڭگۋو، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇشتا ياردەم بەرگەن ئۆزبېكىستانغا رەخمەت ئېيتتى
- ئىككى نەپەر ئۆزبېك سىياسىي مەھبۇسى قېيىن - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن









