ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھەرلىك سوتى چارشەنبە كۈنى "سەرقۇياش ئۆزبېكىستان بىرلەشمىسى" نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۆكتىچى نادىرە ھىدايىتوۋاغا ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بەردى. ئەمما نادىرە خانىمنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇنىڭدا سىياسىي سەۋەب بارلىقىنى تەكىتلىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت مەھكىمىسى ئۆكتىچى نادىرە ھىدايىتوۋانى 8 تۈرلۈك جىنايەت ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى زور مىقداردىكى مەبلەغنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە باج ئوغرىلاش قاتارلىق ئىقتىسادىي ئەيىبلەردىن ئىبارەت. سوت مەھكىمىسى شۇنداقلا نادىرە ھىدايىتوۋا قاراشلىق شىركەتكە باج ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن 230 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جازا قويغان.
نادىرە ھىدايىتوۋانىڭ ئادۋۇكاتى مۇخبىرغا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىدە ھېچبىر ئىسپات يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. نادىرە ھىدايىتوۋا ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا موسكۋادىكى سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندە قولغا ئېلىنغان. ئۇ موسكۋادىكى مەزگىلىدە ئىسلام كەرىموفنى ئەيىبلەش ئاخبارات يىغىنى ئويۇشتۇرغان ئىدى.
" سەر قۇياش ئۆزبېكىستان بىرلەشمىسى"نىڭ قۇرغۇچىسى سانجار ئۆماروف تېخى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزبېكىستان سوتى تەرىپىدىن ئوخشاشلا ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئۆزبىكىستاندا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلغۇچىلاردۇر. (پەرىدە)