ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ب د ت دا سۈرۈشتۈرۈلمەكتە


2007.11.10

ب د ت تەن -جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، جۈمە كۈنى، ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ۋە ئۆزبېكىستان تۈرمىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان قيىن-قىستاقلار ھەققىدىكى شكايەتلەرنى ئاڭلاشقا باشلىدى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان شىكايەت يىغىندا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشتا تەن-جازاسىدىن داۋاملىق بىر قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ب د ت تەن-جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇزۇندىن بېرى ئۆزبېكىستاندا تەن جازاسىنىڭ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشتا ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلىۋاتقان بىر قورالغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

يىغىنغا، ۋاسىلا ئىنايەتوۋا قاتارلىق ئاتاقلىق ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئىنايەتوۋا يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى، ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى شىكايەتلىرىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدى دە ئەيىبلىدى.

يىغىنغا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەن-جازاسىنى يوقۇتۇش، ئەدلىيە ۋە جازا سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

12‏- نويابىر كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ب د ت تەن جازاسىغا قارشى كومىتېتى، بىر ئاي ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلىدىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.