ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئۆزبېكىستاننى قاتتىق ئەيىبلىدى
2007.11.24
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، ئۆزبېكىستاندا تەن جازاسىنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىلىدىغان بىر قورالغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن، تەن جازاسى توغرىسىدىكى شكايەتلەرنى جىددىي تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.
ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، جۈمە كۈنى، ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزبېكىستان ساقچىلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ مەھبۇسلارنى ۋەھشى ئۇسۇللاردا قيىنايدىغانلىقى ۋە داۋاملىق تەن جازاسىدىن بىر قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە، ئىسپاتلىق پاكىتلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كومىتېت ئەزالىرى ئېلان باياناتىدا، تۈرمىلەردىكى ۋەھشى قيىن-قىستاقلار توغرىسىدىكى شكايەتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋاپكارلارنى سوتقا تارتىش توغرىسىدا ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ باياناتىدىن بۇرۇن، مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن تەن جازاسىغا قارشى خەلقئارا كىلىشىملەرنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە چاقىرغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىككى نەپەر ئۆزبېك سىياسىي مەھبۇسى قېيىن - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن
- بىشكەكتە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
- ئەزەربەيجاندا تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى
- ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ب د ت دا سۈرۈشتۈرۈلمەكتە
- ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تېررورغا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماسلىقى كېرەك
- مەركىزى ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى دۈشەنبىدە ئۇچراشتى
- ياۋروپا بىرلىكى قىرغىزىستاندا قەست قىلىنغان ژۇرنالىست دېلوسىنى جىددىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ئەلىشىر سايىپوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى غۇل-غۇلا قوزغىماقتا
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ