ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاندىكى چەتئەل مەتبۇئات ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان مۇخبىرلار ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر قانۇن يولغا قويدى.
15- مارت كۈنى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى قانۇن، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى، خەلقىنى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە قۇترۇتۇشنى ھەمدە ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى يولغا قويۇلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان مۇخبىرلار يا جەرىمانە تۆلەيدىكەن ۋە ياكى ئۆزبېكىستاندىن چىقىرىۋېتىلىدىكەن.
خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئۆزبېكىستاندا يولغا قويۇلغان يېڭى قانۇننى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى قانۇننى يولغا قويوش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىدىكى پۈتۈن ئەركىنلىك ئاۋازىنى بوغدى، دېدى.
خەۋەرلەر گە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15 - مارت كۈنى، گېرمانىيە دولقۇنى رادىئوسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۈچ مۇخبىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ئۇلارنىڭ بىرى بولغان ئابد شابانوفنىڭ ئىشلەش رۇخسىتىنى تارتىۋالغان.
شابانوف، يانۋار ئېيىدا ئۆزبېكىستاندىن رۇسىيىگە يولغا چىققان 30 كىشىنىڭ يولدا قىلىپ توڭلاپ ئۆلگەنلىكى ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر يازغان ئىدى. ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)
