ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلىرى، سەمەرقەندتە يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى


2005.06.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

8-ئىيۇن كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان سەمەرقەنت ئوبلاستىدىكى ئامما چارشەنبە كۈنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قوزغاپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سەمەرقەندتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھەققىدە ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۆزبېك پائالىيەتچىلىرىمۇ بۇ توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلار، چارشەنبە كۈنى 600 كىشىنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىز چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى شامىل ئالماسبېك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.