ئۆزبېكىستاندا ئۆكتىچى قۇياش نۇرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئۆزبېكىستاندا بىر سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان قۇياش نۇرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سانجار ئۆمەروفنى ئىقتىسادى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەمما سانجار ئۆمەروفنىڭ قوللىغۇچىلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى سىياسىي غەرەزلىك جازالاش، دەپ ئەيىبلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 8 مىليون دوللار جەرىمانە قويغان.

ئىلگىرى پاختا ۋە نېفىت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈمەروفنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشى مۇمكىن. ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ئەنجان ۋەقەسى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى 188 كىشىنى ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ،چەتئەلدىن ياردەم ئالغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى مۇستەقىل مەتبۇئاتلارنى تاقىغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوتچى، ئۆمەروفنى " جىنايى گۇرۇھ تەشكىللەش، زور مىقداردا پۇل ۋە باج ئوغرىلاش،پارا بېرىش ۋە ساختا ھۆججەت ياساشقا ئوخشاش جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان،" دەپ قارىغان. ئۆمەروفنىڭ ئادۋۇكاتى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، " بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق" ئىكەن.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ياردىمى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئۆزبېكىستاندىكى ياۋرو - ئاسىيا فوندى جەمئىيىتى تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆزبېكىستاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى يېقىندا مەزكۇر جەمئىيەتنى تاقاش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. ئەمما ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەنە بىر سوت مەھكىمىسى تۆۋەن سوتنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ياۋرو - ئاسىيا فوندى جەمئىيىتى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى قارارىنى كۈتمەي تۇرۇپلا تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ب ب س ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى سەۋەبىدىن تاشكەنتتىكى ئىشخانىسىنى تاقىغان. ئەركىن ياۋروپا رادئىوسى ئۆزبېكىستاندىكى ئىشخانىسىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن ئىدى. (ئەركىن)