ياۋروپا بىرلىكى قىرغىزىستاندا قەست قىلىنغان ژۇرنالىست دېلوسىنى جىددىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2007.10.31
ياۋروپا بىرلىكى قىرغىزىستاندىن ئوشتا قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەلىشىر سايىپوف دېلوسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. رويترا ئاگېنتلىقىنىڭ بىروسسېلدىن 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى مەرھۇم سايىپوفنىڭ كىشىلىك ھوقوق ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلىگەن ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفتىن بۇ دېلونى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ، ئالتە ئاي ئىچىدە، بەلكى تېخىمۇ تېز ۋاقىت ئىچىدە، جىنايەتچىنى قانۇن بۇيىچە جازالاشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 'سايىپوفنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىگە قىلىنغان قەبىھ توسالغۇ' دەپ كۆرسەتتى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، قىرغىزىستان ساقچىلىرى سايىپوفنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن بولغان ئامىللاردىن، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىمۇفنى تەنقىدلەپ تۇرغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ كۆپ قېتىم سۈرۈشتۈرۈلگەنلىكى قاتارلىق پاكىتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياۋرۇپا بىرلىكى ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىگە ۋىزا بېرىشكە چەكلىمە قويدى.
مەرھۇم ئەلىشىر سايىپوف ئۆزى ئۆزبېك، قىرغىزىستان پۇقراسى. ئۇ 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئوشتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، ئۆزبېك تىلىدا گېزىت چىقىرىپ، ئۆزبېكىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىنغان ۋەقەلەرنى پاش قىلىپ تۇرغان ئىدى. مەرھۇم ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىدا خىزمەت قىلاتتى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ئەلىشىر سايىپوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى غۇل-غۇلا قوزغىماقتا
- ئامېرىكا قىرغىزىستاندىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ قاتىلىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
- ئۆزبېكىستان -رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى داۋاملىق پۈتۈشتى
- ئۆزبېكىستاندا خەلقئارالىق ناخشا-مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدى
- ئۆزبېكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار مەيدانغا كەلمەكتە
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي-تۈركمەنىستان گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى قوللايدۇ
- ئۆزبېكىستان پارلامىنتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى ماقۇللىدى
- قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشى ئېغىر بولماقتا