ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى ئۇچراشتى


2005.10.09

7-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيىنىڭ سانكىت پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى جەريانىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەئېرىموف بىلەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ ئايرىم ۋە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىرلەشتى.

بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن قىرغىزىستان " قابار " ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىككى پرېزىدېنت قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە بۇ دوستلۇقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە "قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان مەڭگۈلۈك دوستلۇق شەرتنامىسى"نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە ئىسلام كەئېرىموف بىلەن قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزارا دۆلەت زىيارىتى ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئۇلار يەنە قىرغىز-ئۆزبېك چېگرا رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ئىش ئېلىپ بېرىشكە كېلىشكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن شەكىللەڭەن ھەمدە كۈنسايىن مۇرەككەپلەشكەن قىرغىز –ئۆزبەك مۇناسىۋەتلىرىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئالى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىپ، رەسمى سوھبەت ئۆتكۈزۈشى ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.