ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى رۇسىيە پرېزىدېنتى بىلەن ئۇچراشتى

رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف سەيشەنبە كۈنى موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئىتارتاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلغان.

بۇ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ ماي ئېيىدا ئەنجاندا يۈز بەرگەن باستۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، چەت دۆلەتلەرگە قاراتقان ئىككىنچى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. كېرىموف، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، كېرىموفنىڭ 13- ماي كۈنى ئەنجاندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئوچۇق- ئاشكارا قوللىغان دۇنيادىكى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى. كېرىموفنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان ئىككىنچى دۆلەت رۇسىيە.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە 176 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان رادىكال دىنچىلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە 500 دىن 1000 غىچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئەنجاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە خەلقئارالىق تەرەپسىز بىر كومىتېت تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. لېكىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرنى رەت قىلماقتا. رۇسىيە ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ پوزىتىسىيسىنى قوللاپ قۇۋەتلىمەكتە. (قانات)