ئۆزبېكىستاندا كەرىموۋ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان سىياسى ئۆكتىچى گۇرۇھ - قۇياش نۇرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سانجار ئۆمەروۋ، دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ سوتلىنىشقا باشلىدى. سانجار ئۆمەروۋ، ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىقتىسادى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما سانجار ئۆمەروۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ سوتلىنىشىنى سىياسىي مەقسەتلىك زىيانكەشلىك، دەپ قارىماقتا.
ئۇ، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تاشكەنتتىكى تاشقىي دۇنيا بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەت قىلمايدىغان بىر تۈرمىگە سولانغان. ئۆمەروۋنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ ب ب س غا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئۆمەروۋ قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى يوقلاپ بارغان بولۇپ، ئۇنى قىپيالىڭاچ ۋە قاملاشمىغان بىر ھالەتتە كۆرگەن.
ئۇنىڭ سوتى دۈشەنبە كۈنى باشلاندى. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن 3 - فېۋرالغىچە كېچىكتۈرمەي ھۆكۈم ئېلان قىلىشى مۇمكىن. سانجار ئۆمەروۋ ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ئائىلىۋى ئالاقىسى بار سودىگەر ئىدى. ئۇ، تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن قارا پۇل يۇيۇش ۋە باشقا ئىقتىسادى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى.
ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ئەنجانلىق نامايىشچىلار قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، سانجار ئۆمەروۋ، كەرىموۋ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. سانجار ئۆمەروۋ سوت قىلىنغان شۇ كۈنى ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى مۇتەبەر تاجىبايېۋا تاشكەنت ۋىلايىتىدە سوتلاندى. ئۇ، فرانسىيە ئەلچىخانىسى ۋە ئامېرىكىدىن پۇل ئېلىش، بۇ پۇللارنى "ئاممىۋىي تەرتىپنى بۇزۇشقا" ئىشلىتىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. سانجار ئۆمەروۋ قولغا ئېلىنىشتىن سەل ئىلگىرى ئۆزبېكىستان پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، ئۆزبېكىستاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)