ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزبېكىستان ياپونىيىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ئۇران كانلىرىنى ئىزدىشى ھەمدە بىرلىكەتە ئۇران ئېلىشىغا قوشۇلدى.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دۆلەتلىك نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مېتال شىركىتى ئۆزبېكىستاندا ئۇران كانلىرىنى ئىزدەش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ ئورگان بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستاندىكى 11 ئورۇندىن ئۇران كانلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ھەققىدىكى پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۆزبېكىستان تەرەپ ئەگەر بۇلار دېگەندەك بولسا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە شىركەت قۇرۇپ، %50 تىن بۆلۈشىدىغانلىقى ھەمدە ئۇران كانلىرىنى قېزىش ئىشلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۆزبېكىستان ئۇران مەنبەسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 9 ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونىيىدىن باشقا رۇسىيىنىڭ " روساتوم" شىركىتىمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە ئۇران قېزىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. ئۆزبېكىستان تەرەپ رۇسىيە تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى بەرگەن . ئەمما ئۆزبېكىستان ئۆزلىرى ئېرىشىۋاتقان ئۇرانلىرىنى ئامېرىكا شىركىتى ئارقىلىق چەتئەلگە ساتماقتا.
ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇرانلىرىغا خىتاينىڭمۇ ئالاھىدە قىزىقىپ، بۇ جەھەتتە مەلۇم ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسلام كېرىموف نامزاتلىقنى يەنە قولدىن بەرمەيدۇ
- پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتماقچىمۇ؟
- ئەنجان قانلىق ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى
- ئۆزبېكىستان رەئىسى ئىسلام كېرىموف مىسىردىكى زىيارىتىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە توختالدى
- ئىسلام كەرىموپ، غەرب ئەللىرىنى ئۆزبېكىستانغا قارشى تېرورچىلار بىلەن تىل بىرتىكتۈرمەكتە، دەپ ئەيىپلىدى
- ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ "سەبداش" ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنى تاقىدى
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، سىياسىي ئۆكتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى قولغا ئالدى
- ئۆزبېكىستاندا ئازادلىق رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى 6 ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى رۇسىيە پرېزىدېنتى بىلەن ئۇچراشتى