ياپونلار ئۆزبېكىستاندا ئۇران قازماقچى

ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزبېكىستان ياپونىيىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ئۇران كانلىرىنى ئىزدىشى ھەمدە بىرلىكەتە ئۇران ئېلىشىغا قوشۇلدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دۆلەتلىك نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مېتال شىركىتى ئۆزبېكىستاندا ئۇران كانلىرىنى ئىزدەش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ ئورگان بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستاندىكى 11 ئورۇندىن ئۇران كانلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ھەققىدىكى پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۆزبېكىستان تەرەپ ئەگەر بۇلار دېگەندەك بولسا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە شىركەت قۇرۇپ، %50 تىن بۆلۈشىدىغانلىقى ھەمدە ئۇران كانلىرىنى قېزىش ئىشلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۆزبېكىستان ئۇران مەنبەسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 9 ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونىيىدىن باشقا رۇسىيىنىڭ " روساتوم" شىركىتىمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە ئۇران قېزىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. ئۆزبېكىستان تەرەپ رۇسىيە تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى بەرگەن . ئەمما ئۆزبېكىستان ئۆزلىرى ئېرىشىۋاتقان ئۇرانلىرىنى ئامېرىكا شىركىتى ئارقىلىق چەتئەلگە ساتماقتا.

ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇرانلىرىغا خىتاينىڭمۇ ئالاھىدە قىزىقىپ، بۇ جەھەتتە مەلۇم ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.(ئۈمىدۋار)