ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار - ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرى (2)

2007-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ozbekistan-uyghurliri.jpg
بىر مەزگىل تاشكەنتتە پائالىيەت قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئەربابلىرىدىن خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇر (سولدا)، ئاتاقلىق ئالىم مۇرات ھەمرايېۋ (ئوتتۇرىدا)، سىياسىي ئەرباب تۇرسۇن رەھىموۋ بىللە.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە ئالغاندا، ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ياشىغان جاي بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قازاقىستاندىكىلەردىن كۆپ بولغان شۇنىڭدەك يەنە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇش رولىنى ئوينىغان.

ئۆزبېكىستان ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئىدى

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئالىمى، پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوپنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1937-يىلىغا قەدەر بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا نەشرىياتلار، دراما تىياتىرلىرى، مەكتەپلەر پائالىيەت قىلغان. بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر يازغۇچى-ئەدىبلىرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەربابى خېلەم خۇدابەردى ئەپەندى ۋاپات بولۇشتىن بەش يىل ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل ئۆزىنىڭ 30-40-يىللاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، 1930-يىلى ئەندىجان شەھرىدە ئۇيغۇر دراما سەنئىتى تارىخىدىكى تۇنجى دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇلغانلىقى ۋە كىنو فىلىمى ئىشلەنگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى.

مەزكۇر تىياتىر ئورگىنى دراما ۋە كومېدىيىلەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ قويۇش بىلەن بىرگە يەنە ناخشا ئۇسۇل ۋە مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ ئەينى ۋاقىتتا زور شۆھرەت قازانغان ئىدى. 1934-يىلى ئالمۇتىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىر قۇرۇلدى.

30-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئەندىجان ۋە ئالمۇتا قاتارلىق جايلاردىكى بۇ ئۇيغۇر تىياتىرلىرى "غېرىپ – سەنەم"، "ئانارخان" قاتارلىق ئۇيغۇر درامىلىرىنى ئوينىغان ئىدى. بۇ دەۋردە جالال ئاسىموپ قاتارلىق كۆپلىگەن سەنئەت ئەربابلىرى ئۇيغۇر سەھنە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئىدى. 40-يىلىغا كەلگەندە ئەندىجاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى تاقىلىپ كەتكەن.

ئۆزبېكىستاندا 1937-يىلىغىچە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بولغان

20-ئەئىسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەنجاندا ئۇيغۇر تېخنىكومى بولغان. تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەر يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئوقۇغان ھەمدە ئوقۇتقۇچىلار ئىشلىگەن بولۇپ، بۇرھان قاسىموپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىشچىلار فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا دوتسېنتلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى رابىك ئىسمايىلوپنىڭ ئېيتىشىچە، 1937-يىلىغا كەلگەندە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تاقالغان، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قولغا ئېلىنغان. ئومۇمەن، پەقەت ئۆزبېكىستاندىكى مەكتەپلەرلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندىكى مەكتەپلەرمۇ تاكى 1947-يىلىغىچە تاقىلىپ كەتكەن.

مائارىپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى

پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوپ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردىكى يېقىنلىقى شۇنىڭدەك ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى تۈردە "ئۆزبەك" دەپ قايتا تىزىملىشى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئامىللاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

"بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدىكى مىللىي مائارىپىنىڭ بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوقىلىشقا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى 1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز تىلىدىكى مەكتەپلىرىگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرى يوق قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنە شۇنداق ئاسسىمىلاتسىيىگە يۈزلەندى ھەمدە ئاخىرىدا بىر قانچە يۈز مىڭ دەپ قارالغان شۇنچىۋالا كۆپ ئۇيغۇر ئۆزبېكلەر ئارىسىغا سىڭىپ تۈگىدى" دەيدۇ رابىك ئىسمايىلوپ ئەپەندى. ( ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت