خىتاي ئۆزبېكىستاننىڭ تېلېفون ئالاقە شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى

"ئۆزبېكىستان تېلېفون ئالاقە ھەسسىدارلىق شىركىتى" نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ دۆلەتلىك تېلېفون ئالاقىسى شىركىتى "چىنا موبىل" نىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تاشكەنتنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تېلېفون ئالاقە ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ 49٪ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاقىلىشىش شىركىتى ھېسابلىنىدىغان "چىنا موبىل" نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ زوڭ رەھبەرلىكىدىكى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن تېلېفون ئالاقە ئىشلىرى بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆزبېكىستاننىڭ مەزكۇر ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋە باشقا تەرەپلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق نۇقتىغا كەلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئىسلام كەرىموپ، خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى 2 ئاي ئىچىدە، خىتايدىن كەلگەن 4-تۈركۈمدىكى يۇقىرى سالاھىيەتلىك زىيارەت ئۆمىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي يەنە ئۆزبېكىستان بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەمدە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش ھەققىدىمۇ كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)