يېقىندا سۈيقەستكە ئۇچرىغان قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى بايامان ئەركىنبايېۋنىڭ قېرىندىشى ئاسسان ئەركىنبايېۋ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ سۈيقەست ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇپ، جۈمە كۈنى جالالئاباد شەھىرىدە ئۆزىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋالدى.
جالائاباد رايونىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاسسان ئەركىنبايېۋ جۈمە كۈنى "نامايىشچىلار ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن قېرىندىشىغا سۈيقەست قىلغان كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان".
بايامان ئەركىنبايېۋ، ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇش ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ، بۇ يىل سېنتەبىردە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. جالالئاباد رايونلۇق دوختۇرخانا باياناتچىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئاسسان ئەركىنبايېۋنىڭ يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئۈستىنكى قىسىمى 2 ۋە 3 - دەرىجىدە كۆيگەن بولۇپ، بىمارنىڭ ئەھۋالى " ناھايىتى مۇقىمسىز" ئىكەن.
ئاسسان ئەركىنبايېۋ، پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئۇسسېن سادىقوۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى باياماننى ئۆلتۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما جالالئاباد ئوبلاستىنىڭ ۋالىسى جۇسسۇپ جېنبېكوۋ، ئاسسان ئەركىنبايېۋنىڭ ھەرىكىتىنى " قانۇنسىز" ۋە " "ئەخلاقسىزلىق"، دەپ تەنقىدلىگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى چىنارا ئاسانوۋا، سۈيقەست قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا " سىياسىي سەۋەب بارلىقىنى كۆرۈپ يىتەلمىدۇق،" دەيدۇ.
دائىرىلەر باياماننىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ گۇمان قىلىنغان بەش ئادەمدىن ئىككى كىشىنى تۇتۇپ تۇرماقتىكەن. (ئەركىن)