قازاقىستاننىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارى، چارشەنبە كۈنى ئىسلامئابادتىكى ئۆيىدە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئىسلامئاباتتىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ساپارغالى ئوباقىروف، بېشىدىن يارىلانغاندىن كېيىن ئىسلامئاباتتىكى پاكىستان ھەربىي دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ شۇ يەردە ئۆلگەن. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ساپارغالى ئوباقىرىئوفنىڭ ئىسلامئاباتتىكى ئۆيىدە قانغا مىللەنگەن ھالدا بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ساقچىلىرى قاتىلنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسىدى، كىملىكى شۇنداقلا ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىگە قانداق كىرگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالمىغان.
ساقچىلار قاتىلنىڭ قورالى تېپىلمىغانلىقىنى شۇنداقلا ئوباقىرىئوفنىڭ دىپلوماتىك نومۇرلۇق ماشىنىسى يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئوباقىروفنىڭ دىلوسى ئۈچۈن مەخسۇس رازۋىتكا گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن. بىراق ھازىرغىچە يۇقىرىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ھېچقانداق بىر گۇمانلىق ئۇنسۇر قولغا ئېلىنىپ باقمىغان.
بۇ ئارىدا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك دائىرىلىرى جۈمە كۈنى تاجىكىستاندا يىغىن ئېچىپ، تېررورچىلىق، سىياسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك شۇنداقلا تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (ئەركىن)