قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلار رومىنىيىگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتى

13 - مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغان 400 دىن ئارتۇق ئۆزبېك مۇساپىر، جۈمە كۈنى ئايروپىلان بىلەن رومىنىيىنىڭ تىمىسورا رايونىغا يېتىپ بېرىپ، ب د ت نامىدىكى مۇساپىرلار لاگىرىغا ئورۇنلاشتى. مۇساپىرلارنىڭ ئومۇمى سانى 439 بولۇپ، بۇ سان 23 نەپەر ئۆسمۈر بىلەن 74 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇساپىرلار ئەنجان ۋەقەسىدە قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن، ب د ت قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدىكى قاراسۇغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ب د ت دىن مۇساپىرلارنى باشقا دۆلەتكە ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رومىنىيىدىكى مۇساپىرلار لاگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، لاگىرنىڭ ئورنى بۇخارىستنىڭ 500 كىلومېتىر غەربىدىكى تىمىسورادا. مۇساپىرلارنىڭ باشلىقى ۋاسىلېي دراگونىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇساپىرلار بۇ يەردە 2 - بىر دۆلەت قوبۇل قىلغىچە تۇرىدىكەن. ئۇ، جىددى ئەھۋاللار سىرتىدا مۇساپىرلارنىڭ لاگىردىن ئايرىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رومىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخاي رازۋان ئانگۇرىنونىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېك مۇساپىرلار رۇمىنىيىدە 6 ئايغىچە تۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، كانادا ياكى گوللاندىيىلەرنىڭ بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. (ئەركىن)