قازاقىستان ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى ب د ت مۇھاجىرلار ئىدارىسىغا تاپشۇردى
2005.07.12
قازاقىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك سىياسىي ئۆكتىچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لۇتفۇللا شەمسىدىنوفنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھاجىرلار ئىدرائىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھاجىرلار ئالىي كومىسارلىقىنىڭ باياناتچىسى رون رىدموننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىن قىچىپ قازاقسىتاندا پاناھلانغان شەمسىددىنوف، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە مەلۇم بىر ياۋرۇپا دۆلىتىگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
رىدمون قازاقسىتاننىڭ شەمسىددىنوفنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قارارىنى ماختاپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى شەمسىددىنوفنى ئۆزبېكىستانغا بەرمەي بىزگە تاپشۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا پرىنسىپلارغا ساداقەتمەن ئىكەنلىكىنى جانلىق بىر مىسال بىلەن ئىسپاتلىدى، دېدى
ئەنجاندىكى باستۇرۇشتىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ قازاقىستاندا پاناھلانغان شەمسىددىنوفنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى شەمسىددىنوفنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى شەمسىددىنوفنى تېررورچىلىق ۋە خەلق ئارىسىدا يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان سوتى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن 20 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى
- مۇھەممەد سالىخ: خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت
- ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستاندا قولغا ئېلىندى
- كوفى ئاننان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بىلەن ئۆزبېك مۇساپىرلار توغرىسىدا سۆزلەشتى
- قىرغىزىستان 29 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولدى