ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ئامېرىكا خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى" دەپ ئاتالغان بىر خەۋەر ئورگىنىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە تەخمىنەن مىڭ نەپەر ئۆزبېكىستانلىق ۋە ئازەربايجانلىق ئامېرىكىغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، پاناھلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
ئۆزبېكىستانلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئېنىق بولۇپ، ئاساسىي سەۋەب يەنىلا ئۆزبېكىستاندا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان دىكتاتور تۈزۈمىدۇر.
ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلىك پىكىردىكى ھەر قانداق كىشىنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن كېرىموف تۈزۈمىنىڭ زەربە بېرىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشىلەرنىڭ پاناھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا ياشىشىغا رۇخسەت قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن بەلكى سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان ئۆزبېكلەرنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىنى مۆلچەرلىمەكتە. چۈنكى ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن زەربىگە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ قىرغىزىستانغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان 500 ئەتراپىدىكى ئۆزبەك مۇساپىرىگە خەلقئارالىق مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى قوبۇل قىلغان ئىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەر پەقەت ئۆزبېكىستانلىقلارلا بولماستىن يەنە 700 نەپەر ئەتراپىدا قازاقىستانلىقمۇ سىياسىي پاناھلىق سالاھىتىگە ئېرىشكەن.
ئومۇمەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئازەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرنى ئۆكتىچى پىكىرلارغا زەربە بېرىدىغان ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)
