قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ ئوتان پارتىيىسىنىڭ باش شىتابى سىرتىدا يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى قېتىملىق پارتلاش بەش مىنۇت ئىچىدە يۈز بەرگەن. ئالدى بىلەن ئوتان پارتىيىسىنىڭ ئالماتادىكى باش شىتابى بىناسىنىڭ كوچىغا قاراپ تۇرىدىغان بىر دېرىزىسىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىغاندىن كېيىن، بىنا سىرتىدىكى بىر تېلېفونخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككىنجى بومبا پارتلىغان.
نەق مەيداندىكىلەر پارتلاشنىڭ شىددەتلىك ئىكەنلىكىنى، بىنانىڭ دېرىزىلىرى ۋە قىسمەن تاملىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، پارتلاش نەتىجىسىدە بىنادىن ئېتىلىپ چىققان ئەينەك ۋە خىش پارچىلىرى بىر ئادەمنى يارىلاندۇرغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئالاھىدە قوراللىق قىسىملىرى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈچ قەۋەتلىك مەزكۇر بىنانى پىچەتلىگەن. ۋەقەنىڭ كىم تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. (ئارزۇ)