قىرغىزىستاندا ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتى رەھبىرىنىڭ ئۆيى پارتلىتىۋېتىلدى

قىرغىزىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بىرى، ئاتا يۇرت سىياسى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى روزا ئوتانبايىۋانىڭ ئۆيى پەيشەنبە كۈنى پارتلىتىۋېتىلگەن. بىراق پارتلاش ۋەقەسىدە ئادەم ئۆلمىگەن.

بېشكەكتىكى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روزا ئوتانبايېۋا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۆيدە بولمىغانلىقتىن ساق قالغان. پارتلاش ۋەقەسىگە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر پارتىيە ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. روزا ئوتانبايىۋا، ئىلگىرى بىر مەزگىل قىرغىزىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆتىگەن. ئۇ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاكايېفنىڭ قىزى بەرنەت ئاكايېفنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار روزا ئوتانبايىۋانىڭ ئۆيىنى قامال قىلىپ، پارتلاشنىڭ سەۋەبى ۋە جاۋاپكارلىرىغا دائىر يىپ ئۇچلىرىنى ئىزدىمەكتىكەن. بۇ ۋەقە قىرغىزىستاندىكى سىياسى ۋەزىيەت ئىنتايىن نازۇك بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن.

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى قىرغىزىستاننىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى بىر قىسىم ئوبلاستلاردا پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. جالالئابادتىكى سايلامغا نارازى بولغان پۇقرالار، بىر قانچە كۈندىن بېرى نۇقىن رايونىدىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قورشىۋالغان. كۆزەتكۈچىلەر نۇقىندىكى سايلام ئىختىلابى رايوندا ئېتنىك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. چۈنكى بۇ رايوندا ئۆزبېكلەرنىڭ نۇپۇسى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. (ئەركىن)