قالماقىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئادەم كۆچۈرمەكچى
يېقىندا غەرب ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا رۇسىيىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى قالماقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ماكانلاشتۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. بۇ خەۋەر خىتاي ئىنتېرنەت تورلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قالماقلارنىڭ كىملىكى ھەمدە قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتايدىن ئادەم يۆتكىمەكچى بولغانلىقىغا بولغان قىزىقىشنى قوزغىدى.
قالماقىستان ئۆز ئېتنىك قېرىنداشلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلىماقچى
قالماقىستان پرېزىدېنتى كىرسان ئۇلۇمجىنوپنىڭ خىتايدىن ئادەم كۆچۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئالدى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ "قوغدىغۇچى" گېزىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا قالماقىستان جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ چىققان . بۇنىڭغا ئاساسەن پرېزىدېنت كىرسان ئۇلۇمجىنوپ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن ئون مىڭ ئەتراپىدا ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ، قالماقىستانغا ماكانلاشتۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قالماق پرېزىدېنتى بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، " ھازىر شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدا 300 مىڭدىن 400 مىڭغىچە بولغان قالماقلار بىلەن ئورتاق تىلدا سۆزلىشىدىغان ئادەملەر ياشايدۇ. شۇڭا ، بۇلارنى كۆچۈرۈش پىلانى قالماقلارنىڭ تىلى ۋە چارۋىچىلىق ئەنەنىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، ئىلگىرىكى بىر قانچە يىللار ئىچىدە بىر قانچە يۈز خىتاي قالماق ئائىلىسى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىپ، بۇ يەرنىڭ ھاياتىغا ماسلىشىپ بولدى" دېگەن.
قالماقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قالماقلارنى كۆچۈرۈپ كېلىش پىلانى ھەققىدە خىتاي تەرەپنىڭ رەسمى بىلدۈرۈشلىرى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، شاڭخەيدىكى بىر مەتبۇئات ئورگىنى رۇسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بۇ ئەھۋالنى سورىغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر پىلاندىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، رۇسىيە بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا مەلۇم ساندىكى قالماقلارنى قالماقىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ماكانلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە بىرەر ئىچكى سۆھبەت ياكى كېلىشىمنىڭ بولۇشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىلگىرى خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاقلارنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىشمەكتە. ئۇلار يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان پرېزىدېنتنىڭ بۇ سۆزنى ئېيتىشىنىڭ تەسادىپىي ئەھۋال ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلماقتا.
قالماقلار كۆچۈپ كېلىشنى بۇرۇنلا باشلىغان
قالماقىستان پرېزىدېنتى كىرسان ئۇلۇمجىنوپ، ئۆزىنىڭ "قوغدىغۇچى" گېزىتىگە بەرگەن مەلۇماتىدا، بىر قانچە يۈز ئائىلىنىڭ قالماقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىپ، ئۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ماسلىشىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن . دېمەك ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردىكى قالماقلارنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈشى بۇرۇندىنلا باشلانغان ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قالماقىستان رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن فېدېرال كېلىشىمگە قول قويۇپ، ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتە قالماق مىللىي مەدەنىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش دولقۇنى قوزغالغان. 1992-1993-يىللاردا قالماقىستان پرېزىدېنتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ھەم تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان بايىنغولىنلىق ھەم بۆرىتالالىق موڭغۇل زىيالىيلىرى قالماقىستانغا كېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشقان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياش موڭغۇل ئالىمى ئەردەن بايېر قالماقىستان پرېزىدېنتىنىڭ تىل-يېزىق مەسىلىسى بويىچە مەسلىھەتچىسى بولغان. پېشقەدەم موڭغۇل ئالىملىرىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى نوربو ئەپەندى قالماقىستان ئالىملىرىنىڭ كونا قالماق تىلىنى ئۆگىنىش ھەم تەتقىق قىلىش، بۇ ساھەدە كادىرلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە ياردەم كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى موڭغۇللار دەپ ئاتالغان مەزكۇر قالماق ئالىملىرى قالماقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەتىۋارلانغان ۋە ياخشى خىزمەت ھەم شارائىتلار بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىگىمۇ قولاي پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن ئىكەن. ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر موڭغۇل ئالىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قالماقىستان پرېزىدېنتىغا تىل-يېزىق بويىچە مەسلىھەتچىلىك قىلغان بۆرىتالالىق موڭغۇل ئالىمى ئېردېن بايېر كېيىن نامەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال موڭغۇللارنىڭ تۈرلۈك گۇمانلىرىنى قوزغىغان ئىكەن.
قالماقلار ۋە قالماقىستان جۇمھۇرىيىتى
قالماقىستان جۇمھۇرىيىتى كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي تەرىپىگە، ۋولگا دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاستىراخان قاتارلىق قەدىمىي تاتار شەھەرلىرىگە يېقىندۇر. قالماقىستاننىڭ ئومۇمى يەر كۆلۈمى 76 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ، 13 مەمۇرىي رايون، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن تەركىپ تاپقان. ئاھالىسى 300 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاھالىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك قالماقلار تەشكىللەيدۇ. قالماقلاردىن باشقا بۇ يەردە يەنە، رۇسلار، تاتارلار ھەم كاۋكازىيىلىكلەر ھەم باشقا مىللەتلەر ياشايدۇ.
قالماقلارنىڭ تىلى موڭغۇل تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى موڭغۇللارنىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش. تارىخىي جەھەتتىن ۋولگا بويىدىكى مەزكۇر قالماقلار 16-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ، رۇسىيە تەۋەسىگە بېرىپ يەرلەشكەن. 18-ئەسىردە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىكار قىلغان ھەمدە ئۇلارنى بۇددا دىنىدىن ۋاز كېچىپ ، خرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغاندا قالماقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تارىخىي مەلۇماتلارغا تايانغاندا تەخمىنەن 170 مىڭ ئەتراپىدا قالماق ئاھالىسى شەرققە قاراپ قېچىپ، رۇسلارنىڭ كۆپ قېتىملىق قورشاپ يوقىتىش ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىپ، 100 مىڭ ئادەمنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇلتۇز، خوشۇت، بۆرىتالا قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ ماكانلاشقان. ئەنە شۇلارنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدا قالغانلىرى "قالماقلار" دەپ ئاتالغان بولۇپ، قالماق دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە "قالغانلار، ياكى كەتمىگەنلەر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. تارىخىي سەۋەبتىن رۇسىيە تەۋەسىدە كەتمەي قالغان قالماقلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى موڭغۇللارنى يەنى قالماقلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىر چوڭ قەبىلە دەپ قارايدىكەن.
قالماقىستان پرېزىدېنتى كىرسان ئۇلۇمجىنوپ
قالماقىستان پرېزىدېنتى كىرسان ئۇلۇمجىنوپ 30 يېشىدا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مەزگىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، زور مەبلەغكە ئىگە بولغان. ھازىر ئۇ رۇسىيىدىكى ئەڭ باي پرېزىدېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلسىن ۋە ھازىرقى پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. كىرسان ئۇلۇمجىنوپ خەلقئارا شاخماتچىلار جەمىيىتى قۇرۇپ، ئۆز ئىقتىسادى بىلەن شاخماتچىلارنى قوللىغان، ھەمدە شاخمات مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا شاخماتچىلار جەمىيىتىنى رەسمى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ھازىر مەزكۇر جەمىيەتنىڭ پرېزىدېنتى بولۇش بىلەن قالماقىستاننىڭ پايتەختى ئەلىستا شەھىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شاخمات شەھەرچىسى قۇرۇش ئىشىنى ئېلىپ بارماقتا. كىرسان ئۇلۇمجىنوپ، بىر قانچە قېتىم تىبەت روھانىي داھىسى دالاي-لامانى قالماقىستانغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ قالماقلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ھەم مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن(ئۈمىدۋار).
