رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا، ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئۆزبېكىستانتىكى ۋەقە توغرىسىدا قارار چىقىرىشىغا قارشى چىققان


2005.06.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بريۇسسېلدا چاقىرىلغان مىنىستىرلار يىغىنىدا، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۆتكەن ئايدا ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن باستۇرۇش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىنى توسىغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنجاندىكى نامايىشى باستۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 700 دىن ئاشىدىكەن. ش ئا ئو ئە ت نىڭ مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان ئىدى. "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ 13 - مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىش تەكلىپى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونلاد راسمفىلد، شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. رامسفىلد ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى دىپلوماتلار، بايانات ئېلان قىلىش تەكلىپىگە قوشۇلمىغان. رۇسىيە ۋەقەدە تالىبانلارنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا، ئەنجاندىكى باستۇرۇشنى " چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك،" دەپ تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنى سەيشەنبە كۈنى، ئەگەر ئۆزبېكىستان ئەنجاندىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە يول قويمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا بېرىدىغان 119 مىليون دوللارلىق ياردەم تۈرىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.