خىتاي بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش پىلانى ئۈستىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.
"ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تەرەپ تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. خىتاي تەرەپنىڭمۇ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قىزىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قازاقىستان ئۆزىنىڭ كاسپىي دېڭىز بويىدىكى نېفىت زاپىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن بىرگە، تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئېچىشقا باشلىغان.
ئىككى دۆلەت ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىچە تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ئۈستىدە كېلىشىم تۈزگەنىدى. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوقايېۋ، قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىققا قىزىقىدۇ دەپ كۆرسەتتى. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قازاقىستان بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىدە ستراتېگىيىلىك قارار چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ 2006 - يىلى ئىشقا كىرشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.كەلگۈسىدە قازاقىستان مەزكۇر تۇرۇبا يولىدىن خىتايغا يىلدا 10 مىليون توننا نېفىت ئېكسپورت قىلالايدۇ. (ئەركىن)